Jump to content

شىلياڭ ئويۇنى (بەي جۈيى)

From Wikisource

شلياڭ ئ‍ويۇنى

شىلىياڭدا ئويۇن بولسا، شىر ئويۇنى بولاتتى،
خۇلار تارتىپ نىقاپنى شىر ئويۇنى قىلاتتى.
شىرنىڭ بېشى ياغاچتىن، قۇيرۇقلىرى يىپەك،
يالغان كۆز ۋە چىشلىرى پارقىرايدۇ كۈمۈشتەك.
قۇيرۇقىنى ئوينىتىپ، شىر ئېتىلار مەيدانغا،
خۇددى يىراق چۆللەردىن كەلگەندەك شىلىياڭغا.
قىزىل ساقال ئىككى ئەر، ئىككىلىسى بەك چۆۋەر،
چىقىپ سەھنە ئالدىغا ئويۇننى باشلىۋېتەر......
ئەنشىنىڭ دۇخۇسىمۇ ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن،
چۈنكى لياڭجوۋ ئۇ چاغدا تېخى قولدىن كەتمىگەن.
توساتتىن كەلدى خەۋەر: "ئەنشى يولى ئېتىلدى"،
ئەمدى قايتىپ بولارمۇ، نېمە قىسمەت پۈتۈلدى؟
لياڭجوۋ قولدىن كەتكەننى تېخى بىلمەس ھېچ كىشى،
شىر ئۈستىگە تامچىلاپ ئاقتى شۇدەم كۆز يېشى.
شىر بۇرۇلۇپ، ھۇ تارتىپ، غەربكە نەزەر تاشلار،
ھەممە كىشى شۇ چاغدا غەمگە چۆمۈپ مۇڭلىنار.
لېكىن غەربنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان قوماندان،
ئويۇن كۆرەر مەستانە، كۈلۈپ تولا شادمان.
ئويۇن - كۈلكە، زىياپەت قىزىپ كەتكەن بىر سائەت.
يەتمىش ياشقا ئۇلاشقان قېرى جياڭجۈن ئەزمەت —
كۆزدىن تۆكۈپ يېشىنى، تىكىپ ئاپپاق بېشىنى،
جياڭجۈنلارغا قارتىپ قىلدى مۇنداق مۇراجىئەت:
"ئەنشى ئەمدى ناھايىتى يىراق چېگرىمىز ئەل ئارا،
ئەمدى بوسۇغ توغىغا كېلىپ قالدى چېگرا.
ھودۇت بويلاپ يۈز مىڭلاپ قوشۇن يېتىپ بوشاڭلىقتا،
قىلىنىدىغان ئىش چىقماي، كۈن ئۆتكۈزەر توخلوقتا.
.........................................
شۇ ھالەتتە جانابلار غەم تارتماستىن شۇ ھالدا،
ھېچ قىزارماي، تەرلىمەي، ئويۇن كۆرەر شىلىياڭدا.
قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇشقا مادارسىز،
خىجىل بولماي بۇنىڭغا، ئويۇن كۆرۈپ چىدامسىز؟

西凉伎

西凉伎,假面胡人假狮子。
刻木为头丝作尾,金镀眼睛银贴齿。
奋迅毛衣摆双耳,如从流沙来万里。
紫髯深目两胡儿,鼓舞跳粱前致辞。
应似凉州未陷日,安西都护进来时。
须臾云得新消息,安西路绝归不得。
泣向狮子涕双垂,凉州陷没知不知?
狮子回头向西望,哀吼一声观者悲。
贞元边将爱此曲,醉坐笑看看不足。
享宾犒士宴三军,狮子胡儿长在目。
有一征夫年七十,见弄凉州低面泣。
泣罢敛手白将军,主忧臣辱昔所闻。
自从天宝兵戈起,犬戎日夜吞西鄙。
凉州陷来四十年,河陇侵将七千里。
平时安西万里疆,今日边防在凤翔。
缘边空屯十万卒,饱食温衣闲过日。
遗民肠断在凉州,将卒相看无意收。
天子每思长痛惜,将军欲说合惭羞。
奈何仍看西凉伎,取笑资欢无所愧!
纵无智力未能收,忍取西凉弄为戏?